باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بىز بەختىيار زاماندا ياشاۋاتىمىز »

2018.01.03 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ گېزىتى مۇخبىرى توختى ئەرشىدىن خەۋىرى) پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە تەشۋىق قىلىش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 12- ئايدا شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاقسۇ گېزىتخانىسىدىن 3-تۈركۈمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەنتكە چۈشكەن كادىرلاردىن ئاۋۇت مامۇت، مەن ۋە جاڭ جىن ئۈچەيلەن بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتە شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىل بايراق بازىرى ئىلغار كەنتىگە يېتىپ كېلىپ، يۈك–تاقلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ 3-مەھەللىدىكى ھەمدۇللا ناماننىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، بۇ ئائىلىدىكىلەر ھويلىدا ئالدىراش قوي سۇيۇۋاتقانىكەن. ئۆي ئىگىسى ھەمدۇللا ئاكا بىلەن ئايالى ھۆرنىسا ھەدە بىزنى كۆرۈپ ئىتتىك ئالدىمىزغا چىقتى ۋە قىزغىن ئەھۋال سوراپ، ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. بىز ئۇلارنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرمەي ئۇدۇللا كەلگەچكە، ئۆزىمىزنى سەل ئەپسىز ھېس قىلىپ، ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆيگە كىرىشكە ئالدىرماي، ئۇلارغا گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتتۇق:

  - ئاكا، قارىساق جىددى قوي سۇيۇۋېتىپسىلەر، بۈگۈن باشقا مېھمانلىرىڭلار بارمۇ–نىمە ؟

  - ياق، ياق، باشقا مېھمىنىمىز يوق، پاختا چۆلەش قاتارلىق ئېتىز –ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنىڭمۇ قۇيرىقى ئۈزۈلدى، ئالدىراش ئىشىمىز بولمىغاندىكىن، قىشىنچى سوغۇقتا ئۇلاغ–قارىنى خەۋەر ئالغاچ، ئىسسىق ئۆيدە بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ تاماق ئېتىپ يەيلى، دەپ قوي سويۇۋاتىمىز، قېنى مېھمانلار «ياخشى مېھمان ئاش ئۈستىگە» دەپتىكەن، بەلەن ۋاقىتتا كەپسىلەر، سوغۇقتا تالادا تۇرۇۋەرمەي ئاۋۋال ئۆيگە كىرەيلى، ئۆيگە، قالغان گەپنى ئالدىرماي دىيشىمىز...

  ھەمدۇللا ئاكىنىڭ ئۇچۇق كۆڭۈل دېگەن گىپىنى ئاڭلاپ، كۆڭلىمىز پاللىدە يورۇدى، ئارىدىكى قورۇنۇشمۇ تۈگىدى. ھەمدۇللا ئاكا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مەخمۇتجاننىڭ قولمۇ-قول ياردەملىشىىشى ئارقىىسدا يۈك-تاقىمىزنى جايلاشتۇرۇپ، يۈز-كۆزلىرىمىزنى يۇيۇپ تۇرۇشىمىزغا، ھەمدۇللا ئاكىنىڭ ئايالى ھۆرنىسا ھەدە تاماقنىڭ تەييار بولغانلىقىنى ئېييتى. بىز ئۇلارنىڭ گىلەم، دۇخاۋا كۆرپىلەر سېلىنىپ، زەر پەردىلەر تارتىلىپ، ئىدىتلىق سەرامجانلاشتۇرۇلغان، پار بىلەن ئىسسىتىلىپ خۇددى ياز كۈنلىرىدىكىدەك ئىللىپ كەتكەن ئازادە، يورۇق مېھمانخانىدا پولۇغا ئېغىز تەككەچ مۇڭدىشىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى بىلەن تونۇشتۇق.

  ھەمدۇللا ئاكىنىڭ ئۈچ پەرزەنتى بار بولۇپ، 13 مۇ تېرىلغۇ يېرى بار ئىكەن، ئۈچ مۇ يەرگە ياڭاقلىق باغ بىنا قىلىپ، ئاستىغا بۇغداي كىرىشتۈرۈپ تېرىغاندىن سىرت، قالغان يېرىگە كېۋەز تېرىيدىكەن، دېھقانچىلىقتىن بوشانغان ۋاقىتلاردا باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىىپ، چارۋا-مال سودىسى قىلىپ تۇرمۇشىنى گۈلدەك قامدايدىكەن. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ يېزا، يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلارغا قاراتقان تۈرلۈك نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى بىر–بىرلەپ تىلغا ئېلىپ، ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىقىدىن سۈيۈنۈپ مۇنداق دېدى:

  __ نەچچە يىلارنىڭ ئالدىدا، ھۆددە يېرىمىزگە يەر ھۆددە پۇلى تاپشۇرغاندىن باشقا يەنە دېھقانچىلىق بېجى، باشقۇرۇش فوندى، مائارىپ فوندى قاتارلىق بىرمۇنچە خىراجەت تاپشۇراتتۇق. مانا ھازىر ھۆددە يەرگە مەيلى كېۋەز، بۇغداي قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىيلى ياكى ياڭاق، چىلان، ئالما، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخ كۆچەتلىرىنى تىكىپ مېۋىلىك باغ بەرپا قىلايلى پارتىيە، ھۆكۈمەت ھەممىسىگە تولۇقلىما بېرىۋاتىدۇ. پەرزەنىتلىرىمىز ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، ئاغرىپ قالساق داۋالىنىش ياردىمى بار. بۇنداق بەختلىك تۇرمۇش ئىلگىرى ئۇخلىساق چۈشىمىزگىمۇ كىرمەيتتى...

  ھەمدۇللا ئاكىنىڭ ئەھۋال تۇنۇشتۇرۇشىچە، كەنجى پەرزەنتى بولغان قىزى مارىگۈل 2016-يىلى 7-ئايدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ يەسلى مائارىپى كەسپىگە قۇبۇل قىلىنىپتۇ، ھۆكۈمەت ئوقۇش راسخوتىنى كەچۈرۈم قىلغاندىن باشقا يەنە ياتاق، تاماق ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۇقۇتۇۋېتىپتۇ. ئوتتۇرانچى پەرزەنتى مەخمۇتجان نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقىدا «ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان ئىككى خىل ئوقۇغۇچى» قاتارىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي تېخنىكومنىڭ ئاشپەزلىك كەسپىدە ئىككى يىل ھەقسىز تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھرىدىكى بىر چوڭ مېھمانساراينىڭ رېستۇرانىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپتۇ. مەخمۇتجان مۇنداق دېدى: مەن كەسپىي تېخنىكومدا تىرىشىپ ئۇقۇدۇم، ئۈرۈمچىدىكى چوڭ رېستۇراندا ئىشلەش جەريانىدىمۇ شىنجاڭنىڭ ئىچى–سىرتىدا شۆھرەت قازانغان داڭلىق ئۇستىلارنىڭ قۇلىدا ئىشلەپ، ئۇلاردىن تەلىم ئېلىپ، نۇرغۇن ئەمەلىي ھۈنەر-ماھىرەتنى ئىگىلىدىم، ئاتا-ئانامغا ھەمراھ بولغاچ يۇرتۇمغا تۆھپە قوشاي، دەپ قايتىپ كەلدىم. مېنىڭ ئۆز ئالدىمغا بىرەر چوڭ رېستۇران ئېچىش ئارزۇيۇم بار.

  بىزنىڭ پارىڭىمىزنىڭ تېمىسى ھازىرقى دېھقانلارنىڭ ئەمىن ئۆيى ۋە قىشلىق ئىسسىنىش مەسلىسىگە يۆتكەلدى. ئۇلارنىڭ ھازىر ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيى 95 كىۋادرات مېتىر كۆلەىدە بولۇپ، تورۇسى ھەرخىل پاسۇندا نەقىشلىنىپ، چاسىلانغان خىل ياغاچلار بىلەن جۈپ ۋاسىلىق قىلىپ يېپىلىپتۇ، ھەممە ئۆيگە بىر تۇتاش پار ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچى شۇنداق پاكىز، شۇنداق ئىسسىق، راھەت ئىدى. بۇ ئۆي 2013-يىلى سېلىنغان، ھۆكۈمەت 33 مىڭ 500 يۈەن تولۇقلىما بەرگەن ئىكەن. ھەمدۇللا ئاكا مۇنداق دېدى:

  __ مەن بۇيىل 54 ياشقا كىردىم، مېنىڭ بېشىمدىن نۇرغۇن ئىسسىق–سوغۇق ئۆتكەن، باشقىسىنى قۇيۇپ قىشلىق ئىسسىنىش مەسلىسىنى ئالساق، بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايە بار. ھازىرمۇ ئېنىق ئېسىمدە، 20 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئولتۇراق شارائىتىمىز، بولۇپمۇ قىشلىق ئىسسىنىش شارائىتىمىز ئىنتايىن ناچار ئىدى. قىش كۈنلىرى قالايدىغان ئوتۇن بولمىغاچقا، بىر ئېغىزلىق ئۆيىمىزنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ھەپتىدە بىر قېتىم ئىشەك ھارۋىسى بىلەن ئۈچ كېچە–كۈندۈز يول يۈرۈپ، تارىم دەرياسىنىڭ مۇزلۇق سۈيىنى كېچىپ ئۆتۈپ، تەكلىماكان جاڭگاللىقىدىن ئۇتۇن ئەكىلپ قالايتتۇق، بەزىدە دەريا سۈيى ئۇلغىيىپ كەتكەن كۈنلىرى ئۇتۇن بېسىلغان ھارۋىنى نەچچە سائەتلەپ ئۈچرەتتە تۇرۇپ كېمە بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئەكىلەتتۇق. مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۇتۇن–ياغاچ كەڭرى بۇلۇپ، ھەممە يەر مەمۇرچىلىق، توقچىلىققا تولدى. ئولتۇراق شارئىتىمىز شۇنداق ياخشى، ئۆيلىرىمىز شەھەردىكى يۈرۈشلەشكەن بىنا ئۆيلەردىن قېلىشمايدۇ، شەھەرلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى مۇنچا، تەرەت تۇڭى دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزدىمۇ تەل بولدى. ئۇچاققا پاخال قالاپ تۇرۇسنى ئىسلايدىغان، تار ئۆيدە دۇگدۈيۈپ ئولتۇرۇپ قىش چىقىردىغان ئىشلار ئاللىقاچان تارىخقا ئايلاندى، ئۆيلەر بىر پار ئۇچاق بىلەنلا ئىسسىيدۇ، 3-4 توننا كۆمۈر بىلەن بىر قىشنى كەڭ تاشا چىقىرىمىز. ئىلگىرىكى جاپا–مۇشەققەتلىك كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى، بۇنداق ئاسايىشلىق كۈنلەرنى يارىتىپ بەرگەن پارتىيەگە مىڭ-مىڭ تەشەككۈر ئېيتىمەن. بىز ھازىر بەك بەختىيار زاماندا ياشاۋاتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر