باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېڭى يىلدا پۈتۈن دۇنيا بويىچە 390 مىڭ بوۋاق تۇغۇلدى

2018.01.03 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى مۇنداق دېدى: 2018- يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى، پۈتۈن دۇنيا بويىچە 386مىڭ بوۋاق تۇغۇلدى.

  بالىلار فوندى جەمئىيىتى مۇنۇلارنى دېدى: بۇ يىل يېڭى يىلدا تۇنجى بولۇپ تۇغۇلغان بوۋاقلار تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت فىجىدا ئىكەن، ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بىر بوۋاق شۇ كۈنى تۇغۇلغان ئەڭ ئاخىرقى بوۋاق بولۇشى مۇمكىن.

  يېڭى يىل كۈنى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىچىدە، يېرىمىدىن كۆپرەكى تۆۋەندىكى توققۇز دۆلەتتە تۇغۇلغان بولۇپ، تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھىندىستان، جۇڭگو، نىگېرىيە، پاكىستان، ھىندونېزىيە، ئامېرىكا، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، ئېفىيوپىيە ۋە بېنگال بولغان.

  بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بەزى بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن زاكىسىدىلا ئۆلۈپ كېتىش خەتىرىگە دۇچ كېلىدىكەن. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، 2016- يىلى، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھەر كۈنى تەخمىنەن 2600 بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن؛ ئىككى مىليون يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر ھەپتە بولماي ئۆلۈپ كەتكەن؛ تۇغۇلۇپ بىر ئاي ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن بوۋاقلارنىڭ سانى ئىككى مىليون 600 مىڭغا يەتكەن. كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن بوۋاقلار ئىچىدە %80تىن كۆپرەكىگە ئەسلىدە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا بولىدىغان كېسەللىكلەر زامىن بولغان.

  مەلۇم بولۇشىچە، بالىلار فوندى جەمئىيىتى كېلەر ئايدا «ھەر بىر بالا ھايات بولۇش» ھەرىكىتىنى قوزغىتىپ، بالىلارنى ھەر قايسى دۆلەتلەر ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش-سالامەتلىك ئاسراش بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقچىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر