باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى تارماق باج كىرىمىنى قوللاش سىياسىتىنى چىقىرىپ كارخانىلارنىڭ چەتئەللەردىكى تاپاۋەت بېجىنى تۆۋەنلەتتى

2018.01.03 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى تۈنۈگۈن سىرتقا ئۇچۇر بېرىپ، ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى تاپاۋەت بېجىنى تۆۋەنلىتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدىكى سىياسەت يېڭى تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ چەتئەللەردىكى تاپاۋەت بېجى يۈكىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئىككى تارماق بىرلىشىپ بېسىپ تارقاتقان« كارخانىلارنىڭ چەتئەللەردىكى تاپاۋەت بېجىنى تۆۋەنلىتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدىكى سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»دا مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باجنى دۆلەت، رايون ئايرىپ، تۈر ئايرىماي تۆۋەنلىتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ئاساسىدا دۆلەت ئايرىش ئەمما تۈر ئايرىماسلىق ھەققىدىكى ئۇنىۋېرسال تۆۋەنلىتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش ئۇسۇلى كۆپەيتىلىدۇ شۇنداقلا تۆۋەنلىتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش قاتلىمى مۇۋاپىق كېڭەيتىلىپ، چەتئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش بىلەن چەتئەلگە مەبلەغ سېلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  2008-يىلى يولغا قويۇلغان كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامى شۇنداقلا 2009-يىلى بېسىپ تارقىتىلغان«مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ كارخانىلارنىڭ چەتئەللەردىكى تاپاۋەت بېجىنى تۆۋەنلىتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن ئېلىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتتە كارخانىلارنىڭ چەتئەللەردە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجىنى بەلگىلىك سومما ئىچىدە ئازايتىپ، دۆلەت ئايرىپ ئازايتىش چارىسىنى قوللىنىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ شۇنداقلا ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ چەتئەللەردە تاپشۇرىدىغان تاپاۋەت بېجىنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش قاتلىمى ئۈچ قاتلامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك بەلگىلەندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر