باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە پارلامېنتى قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ ئېروسالىمنى كونترول قىلىشىنى كۈچەيتتى

2018.01.03 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە پارلامېنتى 2- يانۋار بىر تۈرلۈك قانۇن تۈزۈتۈلمە لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئېروسالىمنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى.

  بۇ تۈزۈتۈلمە لايىھەگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە ئېروسالىمنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە ھەر قانداق ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارماقچى بولسا، بۇ، پارلامېنتتا ئۇچتەك ئىككى قىسىمدىن كۆپرەك ئەزانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك. بۇ، ئىلگىرى پارلامېنتتىكى يېرىمدىن كۆپرەك ئەزانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش نىسبىتىنى، پارلامېنتتىكى 120 ئەزانىڭ 80دىن كۆپرەك كىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىگە كۆتۈردى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ يېرۇسالېمغا بولغان ئەمەلى كونتروللۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. كەلگۈسىدە ھەر قانداق پارتىيە گۇرۇھتىن تەشكىللەنگەن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى، تىنچلىق سۆھبىتىدە ئېروسالىمنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە يول قويۇش ئويىدا بولسا، تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر