باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ياشانغانلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىشقا پايدىلىق

2018.01.02 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياشانغانلارنىڭ جىسمانىي ھەرىكەتنى كۆپەيتىپ، تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى دېۋەڭلىك كېسىلىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىلىش ئىقتىدارى چېكىنىشنى پەسەيتىشكە پايدىلىق ئىكەن.

  دېۋەڭلىك كېسىلى بىر خىل ئۇنىۋېرسال كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاەتلىرى ئادەتتە ئەستە ساقلاش، تەپەككۇر قىلىش، ھەرىكەت قىلىش ۋە كۈندىلىك پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارلىرىنىڭ چېكىنىشىدە ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى ئوتتۇرا ياش، ۋە ياشانغانلار توپى ئىچىدە پەيدا بولىدۇ.

  لوندون ئۇنىۋېرسىتېت ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچىلار باشچىلىقىدىكى تەتقىقات ئۆمىكى يېشى 65 ياشتىن ئاشقان ھەمدە ئەنگلىيەدە ئولتۇراقلاشقان كىشىلەردىن دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 30 نەپەر ياشانغان كىشىنىڭ ۋە دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان 40 نەپەر ياشانغان كىشىنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قارىتا سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق سىناق ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتچىلار توپلىغان ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، شۇنى بايقىغانكى، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پىلانلاش، تەشكىللەش ۋە كۈندىلىك ئىشلارنى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تەدرىجىي ئاجىزلايدىكەن. ئەگەر ئۇنداقلار مەلۇم دەرىجىدە جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنالىسا، ئۇلاردىكى ئاجىزلاپ ئىقتىدارلىرىدا چېكىنىش بولۇش ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدىكەن.

  تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىسى«جامائەت سەھىيەسىدىكى ئالدىنقى نەتىجىلىرى»دە ئېلان قىلىنغان. ئۇلار پەرەز قىلىپ، بۇ خىل پەسەيتىش ئۈنۈمىنىڭ پەيدا بولۇشى بەلكىم جىسمانىي ھەرىكەتنىڭ چوڭ مېڭە بۈدۈرىسىدىكى يىپسىمان تەنچىدە قايتىۋاتقان قان ئايلىنىشنى غىدىقلاپ، بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ياردىمى بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

  مەزكۇر دوكلاتنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېت ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچى ئەيلىس خوللاندبىنىڭ دېيىشىچە، ياشانغانلار ئۆز ئۆيىدە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش، قىسقا ۋاقىت سەيلە قىلىش ياكى سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ بەرسە، ئۇ خىل ھەرىكەتلەر دېۋەڭلىك كېسىلى ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر