باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىرىلانكا زۇڭلىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق تۈرىنى كۆزدىن كەچۈردى

2018.01.04 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىرىلانكا زۇڭلىسى ۋىكرېماسىڭخا 2- چېسلا سىرىلانكا بىلەن جۇڭگو ئورتاق ئاچقان كولومبو پورت شەھىرى تۈرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېدى: كولومبو پورت شەھىرى ياخشى ئۈلگىگە ئايلىنىدۇ، جۇڭگو شىركىتىنىڭ كولومبو پورت شەھىرى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېتىمەن.

  ۋىكرېمېسىڭخې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كولومبو پورت شەھىرى خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە بەرپا قىلىنغان، ئۇ، سىرىلانكانى ھىندى ئوكيان رايونىدىكى بىر مەركىزىي تۈگۈنگە ئايلاندۇرىدۇ.

  كولومبو پورت شەھىرى تۈرى كولومبو مەركىزىي سودا رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، 2014- يىلى 9- ئايدا ئىش باشلىغان، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سىرىلانكادا ئەمەلىي ھالدا ئۇدۇللاپ تۇتاشتۇرۇلغان بىر نۇقتىلىق تۈر بولۇپ، ئۇنى جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن سرىلانكا دۆلەتلىك پورت ئىشلىرى ئىدارىسى بىرلىكتە ئاچقان ئىكەن.

  بۇ پورت شەھەر قۇرۇلۇشى پىلانىغا ئاساسەن، بۇنىڭدا 269 گېكتار دېڭىز تىندۇرۇلغان، پىلانلىغان قۇرۇلۇش كۆلىمى بەش مىليون 650 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن، ئاساسلىقى تۇرالغۇ، مەيخانا، ئىشخانا بىناسى ۋە سودا سارىيى قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش تۈرى پىلانى بويىچە، بەش يىلدىن سەككىز يىلغىچە دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەم شەكىللىنىپ، 2020- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە ھەممە قۇرۇلۇش تاماملىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر