باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراندىكى نۇرغۇن جايدا ئامما زوراۋانلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتكە مەدەت بەردى

2018.01.04 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 3-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراندا نۇرغۇن شەھەردىكى ئامما شۇ كۈنى نامايىش پائالىيىتى ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرغان.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىراننىڭ ئەھۋاز، ئابادان، بۇشېر، كەرمانشاھ، قۇم قاتارلىق شەھەرلىرىدە زور تۈركۈمدىكى كىشىلەر قولىدا لوزۇنكا ۋە دۆلەت بايرىقى كۆتۈرۈشۈپ كوچىلارغا چىقىپ، ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان شوئارلارنى توۋلاپ، يېقىنقى مەزگىلدە يۈز بەرگەن نامايىشتىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرغان.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىراننىڭ باشقا بىر قىسىم شەھەرلىرىدە 4-يانۋار يەنە ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، پايتەخت تېھران شەھەر ئاھالىلىرى 5-يانۋار ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان يىغىلىش ئۆتكۈزىدىكەن.

  ئىراننىڭ نۇرغۇن شەھىرىدە يېقىندا ئاممىنىڭ نامايىش قىلىپ كۈچ كۆرسىتىش پائالىيىتى پارتلىغان بولۇپ، مال باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كېتىشى بىۋاسىتە سەۋەب بولغان، نامايىش ئاساسلىقى خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە قارىتىلغان. ئىران ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىش ھەرىكەتلىرى بەزى جايلاردا توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بىر ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ئادەم ئۆلگەن، بىر قىسىم ئاممىۋى ئەسلىھەلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر