باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئارزۇلاشقا ئەرزىيدىغان ئىلمىي ئىشلار تىزىپ كۆرسىتىلدى

2018.01.04 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژۇرنىلى 2- چېسلا، 2018- يىلى پەن ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان نەچچە تۈر ئىشنى تاللاپ چىقتى. ئۇ تۈرلەر ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش، كېسەل داۋالاش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە: كانادا ۋە ياۋروپادىكى ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تۈرى ئالەمدىكى بەزى قىيىن مەسىلىنى يېشىشكە پايدىلىق ئىكەن؛ جۇڭگونىڭ «4- نومۇرلۇق ئاي پەرى» ناملىق سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، ئاي شارىنىڭ ئارقا رايونىنى تەكشۈرۈش ئىكەن؛ گېن توقۇش قورالى كىلىنىكىلىق داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ، «پارىژ كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان ھەرقايسى دۆلەتلەر پارنىك گازىنى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋەدىسى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نامايان قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭدا يەنە ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا باسقۇچلۇق سايلامنىڭ ۋە ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپادىن ئايرىلىشى» قاتارلىقلارنىڭ پەن ساھەسىگە بولغان تەسىرى دېگەندەك مەسىلىلەرمۇ تەتقىق قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر