باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى :

رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تېلېگراف ھەمكارلىق ئىستىقبالى زور

2018.01.04 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە-ئاسىيا رايونى ئوقەتچى ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋىتال موڭكوۋېچ يېقىندا مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسىدە رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق ئىستىقبالى كەڭ، بولۇپمۇ تېلېگراف كەسىپلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى زور.

  موڭكوۋېچ مۇنۇلارنى دېدى: تېلېگراف كەسپى رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودىسىدا كەلگۈسىدىكى مۇھىم ئېشىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو تېلېگرافى تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، كەسىپ تېز تەرەققىي قىلماقتا، بەزى ساھەلەردە ئاللىقاچان ياۋروپا ۋە ئامېرىكا كەسىپداشلاردىن ئېشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو تېلېگراف كارخانىسىنىڭ رۇسىيەدىكى تەرەققىياتى بىرقەدەر بالدۇر بولۇپ، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ رۇسىيە تېلېگراف مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى.

  موڭكوۋېچ يەنە مۇنۇلارنى دېدى: جۇڭگو كارخانىلىرى رۇسىيە تېلېگراف بازىرىدا توغرا بولغان تەرەققىيات ۋە تىجارەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مۇۋاپىق بازار ئىستېمالى ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەت سېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، رۇسىيە خېرىدارلىرىنىڭ جۇڭگو تېلېگراف مەھسۇلاتىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق ئىگىلىشىگە تۇرتكە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر