خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى) باي ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى ئۈستىگە ئالغان ھۆسن تۈزەش-چاچ ياساش ئۇستىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى سايرام بازىرى شورمەھەللە كەنتىدە ئېچىلدى، تەربىيەلەشكە نامرات ئائىلىلەرنىڭ 50 پەرزەنتى قاتناشتى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشنىڭ مۇددىتى 60 كۈن بولۇپ، كۇرسانتلار ھۆسن تۈزەش-چاچ ياساش ماھارىتى بويىچە ماھارەت ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ ناھىيەدە 2018-يىللىق كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.
سۈرەتتە: 3- يانۋار، ۋىلايەتلىك كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى ئوقۇتقۇچىلىرى كۇرسانتلارغا ھۆسن تۈزەش-چاچ ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى