باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش ۋە كسەل تۈرى كاتالوگلىرى ئېلان قىلىندى

2018.01.04 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقىرى قان بېسىمى ۋە مۈرە ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىقلارنى يېزا-بازار شىپاخانىسى ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالاشقا بولىدۇ؛ ئۆپكە ياللۇغى، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى ۋە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىقلارنى ھەر قايسى 2- دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىدا داۋالاشقا بولىدۇ. 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش ۋە كېسەل تۈرى كاتالوگلىرىنى(پايدىلىنىش نۇسخىسى) ئېلان قىلدى، ھەمدە «تىزىملىك» چىقىرىپ ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى يەنىمۇ ئېنىقلىدى.

  كاتالوگقا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون بويىچە 2- دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش تۈرى كاتالوگلىرى 603 خىل كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللەر ۋە كۆپ پەيدا بولىدىغان كېسەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ (مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتى، يېزا-بازار دوختۇرخانىسى، كەنت شىپاخانىسى، 1- دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن قاتلامدىكى جەمئىيەتتىكىلەر ئاچقان داۋالاش ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) داۋالاش تۈرى كاتالوگلىرىدا 81 خىل دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللەر بار. كاتالوگلار خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن قەرەلسىز تەڭشىلىپ تۇرىدۇ ۋە تولۇقلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان داۋالاش تۈرى كاتالوگلىرى پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىدۇ، نۆۋەتتە 2- دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش ۋە كېسەل تۈرلىرى ئايرىلدى، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئايرىلغان داۋالاش ۋە كېسەل تۈرى دائىرىسىگە ئاساسەن، ئۇلارنى ئىنچىكە رەتلىسە بولىدۇ، دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەن ھالدا قوبۇل قىلىپ داۋالىغانلار سەۋەبى تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلىنىدۇ ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تارقاقلاشتۇرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ئىقتىدارى تېخى كەمچىل بولغان، قوبۇل قىلىپ داۋالاش شارائىتى تېخى ھازىرلانمىغان ئاپپاراتلار، قاراتمىلىق ھالدا ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى ۋە مەخسۇس پەن ئىقتىدارىنى قۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. 3- دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنىڭ دىياگنوز قويۇپ داۋالاش تۈرى مۇرەككەپ ۋە تۈرى كۆپ بولغاچقا، ئۇنداق دوختۇرخانىلار بۇ قېتىمقى پايدىلىنىش كاتالوگىغا كىرگۈزۈلمىدى.

  ليۇ شياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، كاتالوگنىڭ يېتەكچىلىك رولى ئارقىلىق، 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جىددىي، خەتەرلىك ياكى ئېغىر كېسەللىك ۋە مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى داۋالاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سوزۇلما كېسەللىك بىمارلىرىنى پەيدىنپەي بۆلۈپ، يۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىكەن. 2- دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارمۇ كاتالوگقا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى باھالاپ، مۇناسىپ داۋالاش مۇلازىمىتىنى قېلىپلىق قانات يايدۇرۇدىكەن.

  مەلۇم بولۇشىچە، دىياگنوز قويۇپ داۋالاش تۈرى كاتالوگى ئىجرا قىلىنغان كېيىنكى باسقۇچىدا، ئالاقىدار تارماقلار كېيىنكى سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇپ داۋالاش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر