باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى قانۇنسىز كۆچمەنلەر پاناھلىنىدىغان ئىشتاتقا ئايلاندى

2018.01.03 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاناھلىنىش قانۇنىنىڭ 1- يانۋار رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشىغا ئەگىشىپ، كالىفورنىيە ئىشتاتى ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا كىرگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر پاناھلىنىدىغان ئىشتاتقا ئايلاندى.

  ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا، كالىفورنىيە ئىشتاتى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئىشتات باشلىقى ئوتتۇرىغا قويغانSB54 نومۇرلۇق ئىشتات قانۇنى ماقۇللىدى، 10-ئايدا، بۇ قانۇن لايىھەسىگە دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئىشتات باشلىقى قول قويۇپ رەسمىي قانۇنغا ئايلاندى، جامائەتچىلىك بۇنى پاناھلىنىش ئىشتات قانۇنى دەپ ئاتىدى.

  بۇ قانۇن كالىفورنىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق يەرلىك قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى تارماقلارنىڭ ئادەم كۈچى، مەبلەغ ياكى باشقا ئاممىۋى بايلىقلارنى ئىشقا سېلىپ،فېدېراتسىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى چەكلەيدۇ، يەنى تەكشۈرۈش، سوراق قىلىش، تۇتۇپ تۇرۇش، رازۋېدكا قىلىش ۋە قولغا ئىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق چەك قويىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر