جاڭ ۋېي شىنجاڭ جىڭ ناھىيەسىدە ئاچقان دۇكىنىدا مال رەتلەپ، مال سېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. (2017- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جاڭ ۋېي ئاتا- ئانىسىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىشى بىلەن يۇرتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسىگە قايتىپ كەلدى. ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن ئۇچراشقان بولغاچقا، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ چارۋىچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىنى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىنى كۆرۈپ يەتكەن جاڭ ۋېي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالتە دوستى بىلەن بىللە ئېلېكترونلۇق سودا شىركىتى قۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلدى، ئۇلار «مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەر» ماركىسىدىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ جايغا سېتىشقا تىرىشتى. شۇ يەردىكى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن شىركەت ناھايىتى تېزلا دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتى كەسىپلەر رايونىغا ماكانلىشىپ، ئۆسۈمسىز قەرز ۋە ھەقسىز سۇ، ئېلېكتىر- تورلاردىن بەھرىمەن بولدى. دوستلىرى ھەرقايسى جايلاردىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ چىقتى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالقاتلىرى، خوتەننىڭ ئەتىرگۈللىرى، كورلىنىڭ نەشپۈتى، ئاقسۇنىڭ ئالمىسى، قەشقەرنىڭ ئانىرى قاتارلىقلارنى ئۆزى ياسىغان نەپىس قاپلارغا ئوراپ قاچىلاپ، رەسىمگە تارتىپ تاۋباۋ ئۈندىدار دۇكىنىغا يوللاپ، سۈپىتىگە تايىنىپ بازار ئاچتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى