باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2018.01.04 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3- يانۋار گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىق كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئاساسىي ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنى قوللاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش دېمەكتۇر. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ئۇلاردا يېڭىلىق يارىتىپ، سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىدىكى مۇھىم مەزمۇن. يېقىنقى يىللاردا، جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن يېتەرسىزلىك مەۋجۇت. بازار ۋە كارخانىلار ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان تەدبىرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇش كېرەك. قاتتىق-يۇمشاق مۇھىتنىڭ ھەممىسى مۇھىم، قاتتىق مۇھىتنى داۋاملىق ياخشىلاپ، يۇمشاق مۇھىت قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش كېرەك. كارخانا ئېچىش، باج تاپشۇرۇش، قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى، سۇ، توك، گاز ئەسلىھەلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش-قۇراشتۇرۇش، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش قاتارلىق ئىشلارنى تەستىقلاش، بېجىرىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىش كېرەك. تىجارەتلىك مۇلازىمەت ھەققى ۋە ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ھەق ئېلىشىنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» پىرىنسىپى بويىچە، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كىرېدىت ۋەدىسى، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېڭىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، لەۋزىدە تۇرماسلىق، لەۋزىدە تۇرۇش قارا-قىزىل تىزىملىكى ۋە باشقۇرۇش چارىسى تۈزۈش ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، تۈرلۈك مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ھۆكۈمەتلەر ۋەدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك، يېڭى ئەمەلدارنىڭ كونا ھېسابات بىلەن كارى بولماسلىقى، كارخانىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلماسلىقى ياكى يەرلىك قورۇقچىلىق قىلىشىغا بولمايدۇ. ئوخشاش بولمىغان مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا سالاھىيەت ئىجازىتى، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، پەن-تېخنىكا تۈرى، ئۆلچەم تۈزۈش جەھەتتە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مەمۇرىي ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىپ رىقابەتنى يوقىتىش ۋە چەكلەش قىلمىشىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ سودا ئىشلىرىنى ئەنگە ئېلىش ۋە سودا-سانائەت بويىچە تىزىملاشتا «بىر كۆزنەكتە ئىش بېجىرىش، بىر جەدۋەل تولدۇرۇش»نى پۈتۈن مەملىكەتتە يولغا قويۇش كېرەك. ئۈچىنچى، خەلقئارا تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، سودا مۇھىتىنى باھالاش مېخانىزمىنى چىڭ تۇتۇپ ئورنىتىپ، تەدرىجىي پۈتۈن مەملىكەتتە يولغا قويۇش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىمارەت سېلىش ئىجازىتى ۋە چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاقىدار مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. پىلانلاش، ئوت ئۆچۈرۈش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تارماقلارنى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك. چېگرا ھالقىغان سودىغا قارىتا تارماق ھالقىغان بىر قېتىملىق بىرلەشمە تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. خەلقئارالاشقان، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى زور يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر