باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قاتتىق قاردىن مۇداپىئەلىنىش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى

2018.01.04 16:44   مەنبە: خەلق تورى

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قاتتىق قاردىن مۇداپىئەلىنىش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 3-يانۋار سائەت 18دە قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 4-يانۋار قاتتىق قار يېغىش رايونى شەرققە يۆتكىلىپ، خېنەننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، ئەنخۇينىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمى، جياڭسۇنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىدىكى بەزى رايونلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قېلىن قاتتىق قار ياغىدىكەن. 1-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 8دىن 1-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 8گىچە، خېنەن، خۇبېي، جياڭسۇ، ئەنخۇي قاتارلىق جايلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن، شىمالىي جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمى، خۇەيخېنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، چاڭجياڭ دەرياسى جەنۇبىنىڭ غەربىي شىمال قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرھال ۋە قېلىن قار ياغىدىكەن ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن. 5-يانۋار سائەت 8دىن 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 8گىچە ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا قار يېغىش تەدرىجىي ئاجىزلايدىكەن، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمى، خۇنەننىڭ غەربىي قىسمى، گۇيجۇنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا توڭ يامغۇر ياغىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭدا 2018-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى تەسىس قىلىنمايدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قى…
    ·10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا
    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى …
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك