باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باھالاشنى ئازايتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار، ئەڭ قاتتىق ئۆلچەمدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ

2017-يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى باھالاش باشلاندى

2018.01.04 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى باھالاش باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 3-يانۋار گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، خېبېي، خۇبېي، گۇاڭشى قاتارلىق يەتتە ئۆلكىنىڭ ئۆلكىلەر ئارا گىرەلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 3-يانۋار تەكشۈرۈپ باھالايدىغان ئۆلكىلەرگە يۈرۈپ كەتكەن، ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىمدىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە 2017-يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى باھالاش خىزمىتى باشلانغان.

  2017-يىللىق باھالاشنىڭ تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ مەسئۇلىيىتى، سىياسىتى، خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنداقلا نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ۋە نامرات ئاھالىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش قوشۇلغان؛ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئۈچ تۈرگە تەڭشىلىپ، نەق مەيدانغا تەكشۈرۈشكە تاراتقۇلارنىڭ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى قوشۇلغان. «بىر قېتىم باھالاش بىلەن ئۆمۈرلۈك بېكىتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نەتىجىلىرىنى باھالاش يىل ئاخىرىدا باھالاش بىلەن ئادەتتىكى ئىگىلەش ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈش يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، يىل ئاخىرىدا باھالاش ئۆلكە دەرىجىلىك خۇلاسىلەش، ئۆلكىلەر ئارا گىرەلەشمە تەكشۈرۈش ۋە 3-تەرەپ باھالاش قاتارلىقلارنى شۇنداقلا تاراتقۇلارنىڭ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ باھالىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى كۆك نامراتلىق ئەھۋالىنى تۈگىتىش ئۆلچىمى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئەھۋالى، نۆۋەتتىكى تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. كىرىم ئۆلچىمىنى «ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمىنىڭ ئورنىغا قويۇش، ئاددىيغىنە تۆۋەن كاپالەت بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىقلا تۈگىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر