باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى بىر مەسچىتتە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 10 ئادەم قازا قىلدى

2018.01.04 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ 3- چېسلا ئىسپاتلىشىچە: نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بورنو ئىشتاتى گەنبولۇ بازىرىدىكى بىر مەسچىتتە شۇ كۈنى ئەتىگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئون ئادەم قازا قىلغان، كۆپ ئادەم يارىلانغان.

  نىگېرىيە ئارمىيەسى مۇخبىرىغا بۇ ھۇجۇمنى دەلىللىدى، ھەمدە نۆۋەتتە بەش نەپەر قازا قىلغۇچىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچى شۇ يەردىكى بىر ياش-ئۆسمۈر بالا ئىكەن، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئۇ بالا ئاتا-ئانىسى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئىكەن. 3- مارت ئەتىگەن، بۇ ھۇجۇم قىلغۇچى مەسچىت ئىچىگە كىرگەن ھەمدە كىشىلەر ئارىسىدا بەدىنىدىكى پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى پارتلاتقان. قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ دادىسىمۇ بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر