سۈرەتتە: شىنجاڭ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى يېزا يولىدا، بىر دادا بالىسى بىلەن موتسىكلىتلىق كېتىۋاتماقتا. (2017- يىلى 10- ئاينىڭ 21- كۈنى تارتىلغان.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىگە ئۈزلۈكسىز شاھىت بولۇۋاتقاندا، شەھەر- يېزىلارنى تۇتاشتۇرۇۋاتقان يېزا تاشيوللىرىمۇ جۇڭگو ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى سىنىماقتا. ئۆتكەن بەش يىلدا، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن ياسالغان- ئۆزگەرتىلگەن يېزا تاشيولى 1 مىليون 275 مىڭ كىلومېتىرگە يېتىپ، تەخمىنەن %98.3 مەمۇرىي كەنتلەرگە ئاسفالت يول تۇتاشتۇرۇلۇپ، يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ قاتناش نىسبىتى %96.5تىن ئاشۇرۇلدى. بۇ، ئاممىنىڭ «ئاسفالت يولغا قەدەم قويۇپ، ئاپتوبۇس بىلەن سىرتقا چىقالايدىغان بولۇش» ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى