- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىش: ئىقتىسادقا دائىر 50 سۆز» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى
2018.01.05 15:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىش: ئىقتىسادقا دائىر 50 سۆز» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خەلق نەشرىياتى «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىش: ئىقتىسادقا دائىر 50 سۆز» ناملىق كىتابنى پىلانلاپ نەشر قىلدى. كىتابتا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا مۇناسىۋەتلىك 50 نەچچە ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئىقتىسادىي يادرولۇق سۆزلەر تاللاپ تونۇشتۇرۇلغان ۋە شەرھلەنگەن، ھەر بىر سۆز دوكلاتنىڭ ئەسلىي تېكىستى، مۇھىم ئارقا كۆرۈنۈشى، قىسقىچە مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي يېتەكچىلىكتىن ئىبارەت تۆت مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا دىققەت نۇقتىسىدىن مەزمۇن ۋە ئەمەلىي ئەھمىيىتى ھەمدە سىياسەت تەكلىپلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، توغرا، ئاممىباب، ئېنىق، قوللىنىشچان بولۇشىغا كۈچەپ، قانداق قاراش، قانداق قىلىش، قانداق بېجىرىش قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەر ھەقىقىي ھەل قىلىنغان.
بۇ كىتاب كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تورلاشقان تېز ئوقۇش دەۋرىدە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى قىسقىچە ئوقۇشلۇق، ئۈنۈملۈك ياردەمچىسى بولالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر