باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2018.01.04 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى 3-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە تارىخىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى تۈپ سەۋەب يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدىن بولغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە دائىر بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى يۆنىلىشلىك، ئومۇمىي، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى، بۇ يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ تۈپ مىزانى، چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر