باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى تۈركۈمدىكى 17 خىل مەھسۇلات ئۆلچىمى بويىچە تەقلىد قىلىپ ياسالغان دورا بىردەك باھالاشتىن ئۆتتى

ئۇلار داۋالاش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلۈپ دورا ئىشلىتىش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2018.01.05 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- چېسلا دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، تەقلىد قىلىپ ياسالغان دورا سۈپىتى ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى بىردەك باھالاشتىن ئۆتكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 17 خىل مەھسۇلات ئۆلچەمىنىڭ مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىندى.

  دۆلەت يېمەكلىك- ورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى دورا بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە باشقا تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ بىردەك باھالاشتىن ئۆتكەن دورا تۈرلىرىگە قارىتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى جەھەتتە مۇۋاپىق ياردەم بېرىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالدىن سېتىۋېلىش ھەمدە كىلىنىكىدا ئالدى بىلەن تاللاپ ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار دورا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ داۋالاش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتمەكتە.

  بۇ مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆپكە راكىغا نىشانلاپ ياسالغان دورا Gefitinib(ژىفىتىنىب)نى مىسالغا ئالساق، ئەسلىدە ئۇنىڭ بىر قېپى 5000 يۈەن بولۇپ، بىر ئايدا ئۇنىڭدىن 15مىڭ يۈەنلىك دورا كېتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ چىلۇ دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ژىفىتىنىب دورىسنى ئىشلەپ چىقىرىشى تەستىقلانغاندىن كېيىن، دۆلەت ھالقىغان شىركەتنىڭ ژىفىتىنىب دورىسىنىڭ باھاسى تېز تۆۋەنلىدى، دۆلىتىمىزنىڭ چىلۇ دورا چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ دورىسى پەقەت 1660 يۈەن بولدى. بۇنداق بولغاندا، بۇلار بازار رىقابىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىجادىي خاراكتېرلىك يېڭى دورىلارنىڭ باھاسى زور كۈچ بىلەن تۆۋەنلىتىلىشكە مەجبۇر بولۇپ، تېخىمۇ مۇۋاپىق باھاغا ئېرىشىپ، بىمارلارنىڭ يۈكى يەڭگىللىتىلىدۇ.

  نۆۋەتتە بىردەك باھالاشتىن ئۆتكەن 13 خىل دورا (17 مەھسۇلات ئۆلچىمى)، 289 خىل ئاساسلىق دورا مۇندەرىجىسى ئىچىدە تۆت خىل دورا تۈرى (تۆت خىل مەھسۇلات ئۆلچىمى) بار، 289 خىل ئاساسلىق دورا مۇندەرىجىسىنىڭ سىېرتىدا يەنە توققۇز خىل (13 مەھسۇلات ئۆلچىمى) بار. يۇقىرىقى تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ چۈشەندۈرمىلىرى، كارخانىلارنىڭ تەتقىقات دوكلاتلىرى، بىيولوگىيەلىك تەڭ ئۈنۈمدارلىق تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى دورا تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاش سەھىپىسىدە تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر