باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «كۆللەردە كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.01.05 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «كۆللەردە كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «كۆللەردە كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ <دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى>نى بېسىپ تارقىتىش ئۇقتۇرۇشى»نىڭ تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھازىر كۆللەردە كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، كۆللەردە كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق تونۇش كېرەك.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا مۇنداق دەپ تەكتىلەندى: «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۆللەر دەريا سۇ سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، كەلكۈن سۈيىنى ساقلايدىغان مۇھىم بوشلۇق بولۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ تىرانسىپورتى، ئېكولوگىيە جەھەتلەردە تەڭداشسىز رول ئوينايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، بەزى جايلاردا كۆلنى قورشاپ يەر ئېچىش، سۇ ساھىلىنى ئىگىلەش، بۇلغىمىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ چىقىرىش، قانۇنسىز باقمىچىلىق قىلىش، قانۇنسىز قۇم شېغىل قېزىش، كۆل دائىرىسىنى كىچىكلىتىش، سۇ بوشلۇقىنى ئازايتىش، سۇ سۈپىتىنى ناچارلاشتۇرۇش، جانلىقلار ماكانىنى بۇزغۇنچىلىق ئۇچرىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولدى، كۆللەرنىڭ ئىقتىدارى زور دەرىجىدە چېكىندى. كۆللەردە كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى كونكرېت تەدبىر، دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېنىق تەلەپ، كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداشنى كۈچەيتىش، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش، كۆللەرنىڭ ساغلام ھايىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، كۆللەرنىڭ ئىقتىدارىدىن مەڭگۈ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر