باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇلۇپ، تۆت تۈرلۈك كىشىلەر ئاساسلىق مەنپەئەتلىنىش توپى بولدى

2018.01.05 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2017-يىلى 9-ئايدا بارلىق ئۆلكىلەردىكى 400 بىر تۇتاش غەملەش رايونى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دېگەندەك تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈملىرىنى قاپلاپ، 7000دىن ئارتۇق ئۆلكە ھالقىغان نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىپ، جايلاردىكى ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى تورلاشتۇرۇلغان. دۆلەتنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش سىستېمىسىدا ئەنگە ئېلىنغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 600 مىڭدىن ئېشىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئادەم/قېتىم ئاغرىققا تۆلەپ قويۇلىدىغان پۇل 13 مىڭ 600 يۈەن ئازايغان. سىياسەتتىن خەۋەردار بولۇش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئادەم/قېتىم سانى تېز كۆپىيىپ، بىر كۈنلۈك راسچوت مىقدارى 1000 كىشىدىن ئاشقان.

  تۆت تۈرلۈك كىشىلەر ئاساسلىق مەنپەئەتلىنىش توپى بولغان: بىرىنچى، باشقا جايغا يۆتكىلىپ داۋالانغۇچىلار، يەنى يەرلىكتىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى دىياگنوز قويالمىغان ياكى دىياگنوز قويغان بولسىمۇ داۋالاش سەۋىيەسى يەتمىگەن، باشقا ئۆلكىگە بېرىپ داۋالىنىشى زۆرۈر بولغان ئاغرىقلار؛ ئىككىنچى، باشقا جايدا ئولتۇراقلاشقان پېنسىيونېرلار، يەنى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن باشقا جايدا ئولتۇراقلاشقان ۋە نوپۇسىنى كۆچۈرۈپ كەتكەنلەر؛ ئۈچىنچى، دائىم باشقا جايدا خىزمەت قىلىدىغانلار، يەنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن باشقا جايدا خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتكەن خىزمەتچىلەر؛ تۆتىنچى، باشقا جايدا ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر. لېكىن ئۆلكە ھالقىپ راسچوت قىلىش داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن داۋالانغان جاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئاتچوت قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، كەزمە مۇلازىمەتتە پەقەت رەسمىيەتلا ئاددىيلىشىدۇ. چۈنكى جايلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ غەملەش ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ، لېكىن كىشىلەر دائىم بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان، مەبلەغ غەملەش ئۆلچىمى، ئاتچوت قىلىش سەۋىيەسىنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينىڭكىدىن يۇقىرى جايلارغا بارىدۇ. بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى، داۋالىنىش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى، تەلىپىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن چوڭ شەھەرلەردىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا كېلىپ كېسەل كۆرسىتىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. داۋالانغان جاينىڭ سىياسىتى بويىچە ئاتچوت قىلىنسا سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى زور چىقىم خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر