- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پۇتىن زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاپ رۇسىيە- مىسىر ئارىسىدا قاتنايدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى
2018.01.05 15:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە قانۇن ئۇچۇرلىرى تورى تۈنۈگۈن: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېقىندا رۇسىيە بىلەن مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە ئارىسىدا قاتنايدىغان تۇنجى بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالىدى دەپ ئېلان قىلدى. زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى قاھىرەگە قاتنايدىغان بىۋاسىتە لىنىيەگە چېتىلىدۇ، رۇسىيەدىن مىسىرنىڭ باشقا رايونلىرىغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار يەنىلا توختىغان ھالەتتە تۇرىدۇ.
2015-يىلى 31-ئۆكتەبىر، رۇسىيەنىڭ كوگالىيىم ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ مىسىرنىڭ شامشەيىختىن رۇسىيەنىڭ سانكىت پېتىربۇرگقا قاراپ ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى قوزغىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىغا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 217 يولۇچى ۋە يەتتە ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى رۇسىيە پۇقراسى. رۇسىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بۇ قېتىمقى ھاۋا ھادىسىنىڭ سەۋەبى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ قارىدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئارقىدىن زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاپ، رۇسىيە بىلەن مىسىر ئارىسىدا قاتنايدىغان بارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى توڭلاتقان ئىدى. شۇندىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىۋاسىتە لىنىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىم كېڭەشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر