باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن چىڭ تۇرىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سەيسان سادىق

2018.01.05 15:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئوچۇق- ئاشكارا، ئاستىرتىن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭ تارىخىنى ھەدەپ بۇرمىلاشتىكى قەبىھ مەقسىتىنىڭ ماھىيىتى دەل شىنجاڭدىكى مىللەتلەر بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ گۆش بىلەن قاندەك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، ئاخىرىدا دۆلەتنى پارچىلاشتەك رەزىل مەقسىتىگە يېتىشتۇر.

  پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. خىزمەتكە قاتناشقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن چوقۇم كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە مەردانىلىك بىلەن چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك تۈسىنى ئالغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بۇرمىلىغان تارىخ، ئويدۇرغان سەپسەتىلەرنىڭ زەھىرىنى قەتئىي تازىلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مەيدانىمنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن.

  بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن ھەم ئۇنى توسىمەن. «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاكتىپ، تەشەببۇسكار، بايرىقىم روشەن ھالدا قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكىمنى ساقلاپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتىمنى چىڭىتىپ، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان ئۈلگە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ سادىق ئەمەلىيەتچىسى ھەم كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولىمەن.

  پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ» ۋە «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»دا غەلىبە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، دادىل باشلامچى بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچۇمنى ئاڭلىق ياخشى ئادا قىلىمەن. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق بىرلەشمە پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۆكۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى خىزمىتىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ۋەدەمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، دىققىتىمنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە ھەر ۋاقىت قاتتىق ئەمەل قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ، ئالغا ئىنتىلىدىغان، جاسارەتلىك روھىي ھالەت بىلەن، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر