باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىش خىزمىتى تاماملاندى

18199 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى

2018.01.08 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 6-گۇرۇپپىسى يېقىندا شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى قايتا ئىنكاس قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشى مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)نى ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى.

  2015-يىلى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىدا «مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، شۇ يىلى 12-ئايدا مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى خېبېيدا نۇقتىدا سىناق قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 2016-، 2017-يىلى تۆت تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، مەملىكەت بويىچە نازارەت قىلدى.

  ئىككى يىلدىن بۇيان، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بارغانلىكى جايدا ھەقىقىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قاتتىق تۇتۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنىڭ زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  خىزمەت سالمىقى ئالدى بىلەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن ئادەم سانىدا ئىپادىلەندى. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشتا ئاممىنىڭ ئەرزىيەت-پاش قىلىش خېتىدىن 135 مىڭدىن ئارتۇقنى قوبۇل قىلىپ، 29 مىڭدىن ئارتۇق ئورۇننى دېلو تۇرغۇزۇپ جازالاپ، تەخمىنەن 1 مىليارد 430 مىليون يۈەن جەرىمانە قويغان؛ 1518 دېلو ئېچىپ تەھقىقلەپ، 1527 كىشىنى تۇتۇپ تۇرغان؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرىدىن 18448ى بىلەن سۆزلىشىپ، 18199 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر