باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە يەتتە جۇڭگولۇق قازا قىلدى

2018.01.05 15:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ يېڭى سىبىرىيە ئوبلاستىدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىغا تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئوت كېتىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى.

  رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقىدىكى بىر خەۋەردار كىشى: ۋەقەدە 10 ئادەم قازا قىلدى، بۇنىڭ يەتتىسى جۇڭگولۇق، ئىككىسى قىرغىزىستانلىق، بىرسى رۇسىيەلىك، دېدى. يەنە بىر جۇڭگولۇق يېنىك يارىلانغان.

  ئىگىلىنىشچە، ھازىر ئوت ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەنگەن، ئوت كېتىش سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، توك يولىدىن چاتاق چىققان، ئۇلار جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو تۇرغۇزغان.

  جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئوت ئاپىتى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، يەرلىك ئالاقىدار تارماقلارنى ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاشقا، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋالاشقا، كېيىنكى ئىشلارنى ياخشى قىلىشقا دەۋەت قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر