- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭلىق 19 ياشلىق پۇتبولچى جۇڭگو پۇتبولى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى جياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبىغا كىردى
2018.01.08 16:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پۇتبولى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى جياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 2017-يىلى ئېرفاننى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۆزىنىڭ ئورگان تورىدا ئالدىنقى يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىدا توپ ئوينىغان ياش ماھىر ئابدۇخەمىتنى قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھازىر تېخى 20 ياشقا كىرمىگەن ئابدۇخەمىت 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىغا ۋەكالىتەن 19 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان، تۆت توپ ئۇرۇپ، ئىككى قېتىم ھۇجۇم پاس بەرگەن.
ئابدۇخەمىتنىڭ مەيداندىكى ئورنى يان ھۇجۇمچى، سۈرئىتى تېز، بۆسۈپ ئۆتۈشكە ماھىر، قارشىلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، بەدەن قۇۋۋىتى قالتىس، شىنجاڭ توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن «شىنجاڭدىكى كىرىستيانو رونالدۇ» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئابدۇخەمىت يەنە ئوتتۇرا بېك ۋە ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئورنىدىمۇ ئوينىيالايدىغان بولۇپ، پۇتبول مەيدانىدىكى كۆپ قىرلىق پۇتبولچى ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇخەمىت ئىلگىرى دۆلەت 16U ياشلىقلار ئۆسمۈرلەر كوماندىسى ۋە دۆلەت 17U ياشلىقلار ياشلار كوماندىسىدا توپ تەپكەن ۋە كاپىتان بولغان.
شۇ كۈنى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇخەمىتنىڭ كوماندىدىن يۆتكىلىش ئىشلىرى تولۇق بېجىرىلىپ بولغان، تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى يۆتكىلىش ھەققىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر