باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈردى

پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىمىز

2018.01.05 15:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قايتما ئىنكاس پىكرى بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن بۇنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈردى. ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن مەسىلىلەرگە سېلىشتۇرغان ئاساستا دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆزگەرتىپ، قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈردى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، روشەن پوزىتسىيە، كەسكىن تەدبىر، قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق يۇقىرى- تۆۋەن بىر نىيەتكە كېلىپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر دولقۇن توختى مۇنداق دېدى: 2017- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرولىزلىق ئاليومىن ساھەسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلەرنى ئېنىقلاش ۋە تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا قۇرۇلغان 950 مىڭ توننا / يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇۋاتقان 1 مىليون 850 مىڭ توننا / يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قۇرۇلۇشتىن توختىتىپ، «ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىش، قۇرۇلۇشتىن توختىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى قۇرۇلۇشتىن توختىتىش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىر بويىچە، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېلېكتىرولىزلىق ئاليومىن تۈرىنىڭ كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇشتىن توختىتىلغان بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلەرنىڭ «قايتا تىرىلىش»ىدىن قاتتىق ساقلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پائال پۇختا ئىشلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق − ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۆۋەن چېكىگە، قىزىل سىزىقىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، سانائەتتىكى «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىش تەلىپىنى قاتتىق چەكلەشنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ھەرگىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىياتنى تەكىتلىمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنىڭ كەسىپ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانائەت تۈرى ئىجازىتى ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، سانائەت رايونىدىكى پاسكىنا سۇنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر- بازارلارنىڭ پاسكىنا سۇ ۋە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى، ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش، ئايلانما ئىگىلىك ۋە بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنى ھەقىقىي تۈردە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئاساسىدا قۇرىدۇ.

  قايتما ئىنكاس يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىر شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ئوبيېكتىپ كۆرسىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايونىمىز زېمىن بايلىقى سىستېمىسىدىكىلەر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىيلىك بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام كۈچەيتىپ، قەتئىي، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تۈزىتىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، تۈرمۇ تۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىر- بىرلەپ تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى 2016- يىللىق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، باھالاش خىزمىتىدە ئېغىرىدىن قېچىپ يېنىكىگە يۈگۈرۈپ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك مۇھىم كۆرسەتكۈچنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزمىگەن. ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، قايتما ئىنكاس پىكرىنى يەتكۈزۈپ ھەم ئۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىپ، قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىندا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: سۇچىلىق نازارىتى تېزدىن مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشقا، تۈزىتىشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈپ، «ئۈچ قىزىل سىزىق» بويىچە باھالاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىلىرىنى چىڭىتىپ، جايلاردىكى سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  1- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، قاراماي شەھىرى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، قايتما ئىنكاس يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈردى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قاراماي شەھىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسىلىلىرىنى تۈزەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش كېرەك. شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسى، شۇنىڭدەك ھەر قايسى رايونلۇق پارتكوم، ھەر قايسى پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لار، ھەر قايسى كارخانىلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە قاراماي شەھەرلىك پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس يىغىنىنىڭ روھىنى تېز يەتكۈزۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى يۈرگۈزۈش، ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، قاراماي شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  قايتما ئىنكاس يىغىنىدىن كېيىن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى دەرھال تۈزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەدبىر، ئەڭ ئەمەلىي ئىستىل ئارقىلىق قايتما ئىنكاس مەسىلىلىرىنى تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتتى. بۇ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قارىمىقىدا ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش گۇرۇپپىسى، تەشۋىقات- ئۇچۇر گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت تۆت مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنىپ، تۈزىتىش تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش، تۈزىتىش خىزمىتى ھېسابات دەپتىرىنى تۇرغۇزۇش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەر ئايرىم- ئايرىم قانات يايدۇرۇلۇپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلە تىزىملىكى قانۇن- بەلگىلىمىلەر بويىچە تەكشۈرۈلدى ھەم مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلدى.

  قايتما ئىنكاس يىغىنىدىن كېيىن، تۇرپان شەھىرىدىكى رايون، ناھىيەلەر تېزدىن يىغىن ئېچىپ، يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتما ئىنكاس پىكرىنى تۈزىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىدى. تۇرپان شەھىرى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىنى تۈزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى، ھەر قايسى رايون، ناھىيە، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىپ تۈزىتىشكە رەھبەرلىك قىلىش ئاپپاراتى قۇردى ھەم ئالاقىچى تۈزۈمى ئورناتتى. ھەر قايسى رايون، ناھىيە، تارماقلار مەسىلە تىزىملىكىنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ تۈزىتىپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەپ، ھېسابات دەپتىرى تۈزۈپ، تۈزىتىش نىشانى، تۈزىتىش مۆھلىتى، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  قايتما ئىنكاس يىغىنىدىن كېيىن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئالاقىدار ئورۇنلار تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىدە كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈردى. كېيىنكى قەدەمدە، بورتالا ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار تارماقلار داۋاملىق ماسلىشىپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تېزلىكتە تەكشۈرۈپ، تولۇق ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، قېپقالغان مەسىلىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى بىر- بىرلەپ تۈزۈپ، شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «كېسەل ئاسارىتى» قالدۇرماسلىق ئۈچۈن «قايتا قاراش» ۋە قايتا نازارەت قىلىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ تەلىپىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنى رازى قىلىشنى ئۆلچەم قىلىپ تۈزىتىش ئۈنۈمىنى باھالاپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاشقا تىرىشىدۇ.

  1- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت يىغىن ئېچىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار ئورۇنلار نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىنى تۈزىتىش ۋەزىپىسى تىزىملىكى ۋە مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتىنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، تۈزىتىش لايىھەسى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ مۇھاكىمە قىلىشى كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش- تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ جىددىيلىكى، مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن نازارەت قىلىش- تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىنى تۈزىتىش ۋەزىپە تىزىملىكىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، تىزىملىك بويىچە ھەممىنى قوبۇل قىلىپ، نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىنى ۋاقتىدا نازارەت قىلىش- تۈزىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، قەتئىي تۈزىتىشى، ئۈزۈل- كېسىل تۈزىتىشى كېرەك.

  قايتما ئىنكاس يىغىنىدىن كېيىن، بىڭتۈەن مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىنى تۈزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. بىڭتۈەن مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىدىكى تەلەپ بويىچە، تۈزىتىش لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە گوۋۇيۈەنگە يوللاپ، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، تۈزىتىش لايىھەسى ۋە تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئۆز ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدۇ.

  بىڭتۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇھىت ئاسراشتا پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش ۋە بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتىمىز. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇھىت ئاسراشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، غەربىي شىمالنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز. «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، يوچۇق قويماي جىپسىلاشتۇرۇش، قېپقالغان رايون، بۇلۇڭ- پۇشقاق بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىمىز. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك، قىزىل سىزىققا قاتتىق رىئايە قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر