- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نىلقا ناھىيەسىدە قىشلىق تەربىيەلەش كۇرسلىرى سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلدى
2018.01.05 15:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، نىلقا ناھىيەسى كېلەڭ يېزىسى قۇر كەنتىدىكى دېھقانلار كەچ كۇرس مەكتىپى كەنت ئەزالىرى بىلەن لىق تولدى، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى دېھقانلارغا ئەتىيازلىق بۇغداي تېرىش تېخنىكىسى توغرىسىدا دەرس ئۆتمەكتە ئىدى. قىش كىرگەندىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قىشلىق يۇرتىغا قايتىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، كەچلىك مەكتەپ شەكلىدە ھەرخىل كۇرۇسلارنى تەشكىللىدى.
سۇپتاي يېزا بوربوسۇن كەنتىدە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مەكتەپكە قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كەنتتىكىلەرگە ھەر كۈنى بىر سائەت قوش تىل دەرسى ئۆتتى. يېقىندا سىرتتا ئىشلەپ قايتىپ كەلگەن كەنت ئاھالىسى ئەلى ئادىل مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىز سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەندە قوش تىل بىلمەسلىكنىڭ زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ئىدۇق، ھازىر قىشلىق ئارام ۋاقىتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ قوش تىل ئۆگىنىپ، بىلىمىمىزنى تولۇقلاۋاتىمىز، مەن ھازىر خېلى كۆپ خەنزۇچە خەتلەرنى يازالايدىغان بولدۇم.»
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ كادىرى، بوربوسۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شياۋ جىلىن مۇنداق دېدى: «بىز قىشلىق ئارىسال ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، قاراتمىلىق ھالدا كۇرسلارنى تەشكىللىدۇق، دېھقانلار نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ توغرىسىدا دەرس ئۆتتۇق. نۆۋەتتىكى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى قوش تىل ئۆگىنىشىگە قاراتتۇق، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىسلاھ قىلىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز.»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر