باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى ئاساسىي قاتلام خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەخمەت ھېكىم

2018.01.05 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، سىياسىي ئىنتىزام، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدا مەخپىي پىلانلىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپكە تەسىر يەتكۈزدى. «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، جىنايى قارا قولىنى مائارىپ سېپىگە سوزۇپ، بىزدىن ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تالىشىپ، مائارىپ سېپىدە ئىدىيە قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» كەسكىن ۋەزىيىتىدە، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى پاش قىلىمەن ۋە تەنقىد قىلىمەن. مائارىپ سىستېمىسىدىكى بىر ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى دېيىش، نېمىلەرنى ھەل قىلىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ھەممىدە پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، ھەممىدە پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، مائارىپ سېپىدە ساقلانغان «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى قەتئىي تازىلاپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى دادىل ئاشكارىلاپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى دادىل پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتىنى كۈچەپ يارىتىمەن.

  «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش − ئېلىمىزدىكى ھەر بىر پۇقرانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزاسى، كادىرنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. مائارىپ سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىمنى ئېنىق تونۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، سوتسىيالىستىك ئادەم تەربىيەلەش بازىسىنى ياخشى ساقلاپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدىكى پاكلىقىمنى، ھەرىكەتتىكى قەتئىيلىكىمنى ساقلايمەن؛ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كەسكىن كۈرىشىدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىمەن؛ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش جەريانىدا، ھەرقاچان، ھەر جايدا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىپ، ھەرقاچان، ھەر جايدا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

  پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن؛ سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تۆھپە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر