باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىئەندە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسلىكى ھەپتىدە تۆت سائەتكە تەڭشەلدى

2018.01.05 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىئەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي مائارىپ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسىنى ھەپتىدە تۆت سائەتكە تەڭشەشنى قارار قىلدى.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەنتەربىيە دەرسىنى ياخشى، تولۇق ئۆتۈش، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسىنى ھەپتىسىگە تۆت سائەت ئۆتۈش؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (ئوتتۇرا تېخنىكوم)غا ھەر ھەپتىدە ئۈچ سائەت تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈش لازىم. ھەر يىلى ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى 4- دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، «تەنتەربىيە ۋە سەنئەت 2+1» تۈرىنى يولغا قويۇش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن سۈپىتى ساغلاملىقى ئۆلچىمىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ۋە ياخشى بولۇش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %95 ۋە %40 تىن يۇقىرى بولۇش لازىم. سەنئەتنى مەكتەپ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ سىڭدۈرۈش، ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئاز دېگەندە بىر تۈرلۈك سەنئەت ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش لازىم.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا مەكتەپلەرگە يېقىن جايدا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىش سىياسىتىنى قاتتىق يولغا قويۇش لازىم. ئوقۇتۇش رايونى ئايرىش دائىرىسى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر يالغۇز مەكتەپ رايونى ئايرىشنى ئاساس قىلىپ، ھەربىر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۈچۈن ئىلمىي، مۇۋاپىق ئوقۇتۇش رايونى ئايرىش، مەكتەپ مۇلازىمەت دائىرىسى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن نىسپىي ھالدا يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. يۇقىرى سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ %50تىن تۆۋەن بولمىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئايرىپ بېرىشتە چىڭ تۇرۇش لازىم. 2018-يىلىدا 66 ئوقۇغۇچىدىن ئارتۇق بولغان چوڭ سىنىپلارنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش، 2020-يىلىغا بارغاندا 56 ئوقۇغۇچىدىن كۆپ ئوقۇغۇچى بار چوڭ سىنىپلارنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر