باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ پىل چىشى تىجارىتىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەنلىكىنى ماختىدى

2018.01.08 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو پىل چىشىنى سېتىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش تىجارىتىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىدى. بۇ، جۇڭگونىڭ پىل ئائىسىلىگە بەرگەن يېڭى يىللىق سوۋغىسى، يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ دۇنياغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى بولدى.

  يېقىندا، خەلقئارا جەمئىيەت ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگونىڭ ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش ساھەسىدە قىلغان تىرىشچانلىقلىرىنى ماختىدى ۋە بۇ قارار خەلقئارادىكى قانۇنسىز ئوۋلاش ۋە ئوغرىلاش ھەرىكىتىگە قارىتا جۇڭگونىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن خەلقئاراغا ئۈلگە بولدى، دەپ قارىدى.

  كېنىيە دۆلەتلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ۋە نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى قوغداش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كېيتا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ پىل چىشىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىشى بىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ رىغبەتلەندۈرۈش بولدى. بۇ، ئافرىقا پىلىنىڭ سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىش ھالىتىنى تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە نىسبەتەن كۆپ پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر