باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە بىلەن ئامېرىكا پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەسلىكنى قارار قىلدى

2018.01.05 15:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جېيىن بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ تۈنۈگۈن تېلېفونلىشىپ، پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەيدىغانلىقى ھەققىدە بىرلىككە كەلدى. كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى خەلق ئالاقە ئىشلىرىنىڭ باش كاتىپى مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇرسىتىدىكى كورېيە-چاۋشيەن سۆزلىشىشى قاتارلىق ئىككى دۆلەت كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار ھەققىدە 30 مىنۇتچە تېلېفونلاشتى. ئىككى تەرەپ پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەر، غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقلىرىنى كېڭىشىپ بېكىتتى.

  مۇن جېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇب-شىمال سۆھبەت مۇساپىسىدا كورېيە ئامېرىكا بىلەن زىچ كېڭىشىشنى ساقلايدۇ ھەمدە جەنۇب-شىمال سۆزلىشىشى كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۆزلىشىشىگە ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا پايدىلىق.

  ترامپ: جەنۇب-شىمال سۆزلىشىشىدە ياخشى نەتىجىنىڭ يارىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى. ئۇ يەنە ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر