باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 2018-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى تەسىس قىلىنمايدۇ

2018.01.04 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ-ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ تەتقىقاتخانا يېقىندا ئېلان قىلغان «ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانىنى ۋاقىتلىق توختىتىش توغرىسىدا ئۇچۇر»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2003-يىلى مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى (PETS) تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنىپ ئېلىنغاندىن تارتىپ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 30 قېتىمدىن ئارتۇق ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ تەرەققىياتى بەزى مەسىلىلەرگە يولۇققان. بىرىنچىدىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئازايغان، ھەتتا يەككە قېتىملىق ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغانلارنىڭ سانى ئارانلا 200 دىن ئاشقان، ھەر دەرىجىلىك ئىمتىھان تارماقلىرىنىڭ ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بارغانسىرى تەس بولغان؛ ئىككىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا ماس كەلمىگەن، ئىمتىھان كۆلىمىدە كۆرۈنەرلىك ئېشىش نۇقتىسى يوق؛ ئۈچىنچىدىن، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت دائىرىسى نىسبەتەن تار بولغان.

  يۇقىرىقى سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ-ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقارغان ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزىگە دوكلات قىلىپ ماقۇللۇقىنى ئالغان. شۇنىڭ بىلەن 2018-يىلىدىن ئېتىبارەن ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدىكەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى سەنشى ئۆلكىسىمۇ مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقان. ئەنخۈي ئۆلكىسى 2017-يىلىدىن باشلاپ، مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئېلىش خىزمىتىنى توختاتقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر