باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شەرقىي دېڭىزدىكى كېمە سوقۇلۇش ھادىسىسىگە ئىنكاس قايتۇردى:

قۇتقۇزۇش پاراخۇتى ئەۋەتىلدى، يەنىلا بىر قىسىم پاراخۇت خادىملىرى بىلەن ئالاقە قىلغىلى بولمايۋاتىدۇ

2018.01.08 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 7- چېسلا شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن پاراخوت سوقۇلۇش ھادىسىسى ئۈستىدە مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  سوئال: خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پانامادىن كەلگەن بىر ماي پاراخوتى جۇڭگو شياڭگاڭنىڭ پارچە يۈكلەر پاراخوتى بىلەن شەرقىي دېڭىزدا سوقۇلۇپ كەتكەن. سىز ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ بېرەلەمسىز؟ جۇڭگو بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى؟

  جاۋاب: ئىگىلىنىشىچە، 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، پانامادىن كەلگەن بىر ماي پاراخوتى جۇڭگو شياڭگاڭنىڭ پارچە يۈكلەر پاراخوتى بىلەن چاڭجياڭ ئېغىزىنىڭ شەرقىدىكى تەخمىنەن 160 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا سوقۇلۇپ كەتكەن. ۋەقەدە ماي پاراخوتىغا ئوت كەتكەن، پارچە يۈكلەر پاراخوتىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر مۇنچە قۇتقۇزۇش پاراخۇتلىرىنى نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش قىلىشقا ئەۋەتتى. نۆۋەتتە، بىر قىسىم پاراخۇت خادىملىرى قۇتقۇزىۋېلىندى، يەنە بىر قىسىمى بىلەن ئالاقە يەنىلا ئۈزۈك ھالەتتە تۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو تەرەپمۇ بۇلغىمىنى تازلاش پاراخۇتىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىلا تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر