باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بارىن بازىرى ئالاھىدە كەسىپلەر ئارقىلىق بېيىش يولىغا ئاتلاندى

2018.01.08 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ بارىن بازىرى يەكەنكېچىكى كەنتىدىكى تۇرغۇن تۇرسۇن توخۇ فېرمىسىنىڭ داڭقى چىقىشى بىلەن، تۇخۇم سېتىۋالىدىغانلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. تۇخۇم باھاسى بىراقلا ئۆرلىۋىدى، ئۇنىڭ تۇخۇمدىن قىلىدىغان كىرىمىمۇ ئاشتى.

  2006-يىلىدىن بۇيان توخۇ باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تۇرغۇن تۇرسۇن ئەنجانتاملىق كونا كاتەكتە ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 100-150گىچە توخۇ باقاتتى، كاتەكنى چاشقان كولاپ، قار-يامغۇر ياغقاندا ئۈستىدىن سۇ ئۆتۈپ توخۇلىرى تازا ئاينىماي، كۈنلىرى غۇربەتچىلىك ئىچىدە «سېرىقتال» ئۆتەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرگەن بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلىرى 2016-يىلى ئۇنىڭغا 60 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغى ھەل قىلىپ، 300 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملىك توخۇ كاتىكى سېلىپ بەردى. يېڭى كاتەك پۈتكەندىن كېيىن، تۇرغۇن تۇرسۇن توخۇ تۇخۇمىدىنلا ئەمەس، توخۇنىڭ ماياقلىرىدىنمۇ ئوبدانلا كىرىم قىلىدىغان بولدى.

  __ 2015-يىلى ئوغلۇمنى فۇجيەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا يولغا سېلىپ تۇرۇشۇمغا، ئايالىمنىڭ پۇتى سۇنۇپ كېتىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى،- دېدى تۇرغۇن تۇرسۇن،− ئارانلا ئۈچ مو ئالتە پۇڭ يېرىمىز بولغاچقا، توخۇ بېقىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدايتتۇق. كونا كاتەكتە توخۇلارمۇ تازا ئاينىماي، يا دوختۇرخانىغا، يا قورساققا چىقىش قىلىپ بولالمىغان ئېغىر كۈنلىرىمىزدە پارتىيە، ھۆكۈمەت بىزگە باشپاناھ بولۇپ، يېڭى كاتەك سېلىشىمىزغا ياردەم بەردى، بۇنىڭ بىلەن كۈنلىرىمىزمۇ ياخشى بولۇپ كەتتى. ھازىر ئۆيىمىزگىلا كېلىپ تۇخۇم سېتىۋالىدىغانلار كۆپ، كۈندە ئاز دېگەندىمۇ 300-400 يۈەنلىك تۇخۇم سېتىپ، تۇرمۇشىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى.

  پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ بارىن بازىرى ناھىيە ئىچىگە جايلاشقان. بازاردا ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولغانلىقتىن، دېھقانلارنىڭ يەرگىلا تايىنىپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئىمكانىيىتى تۆۋەن ئىدى. بارىن بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليۇرۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەت مىزانى قىلىپ، تەۋەلىكىدىكى ئېغىر نامرات كىشىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز رايونىنىڭ ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇش ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئالاھىدە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى بېيىتىش يولىغا ئاتلاندى.

  بارىن بازىرى پارنىك كۆكتاتچىلىقى، گۈل ئۆستۈرۈش، ئائىلە باقمىچىلىقى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، پېچىنە-پىرەنىك پۇشۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يول ئاچتى.

  بۇ بازاردا 2007-يىلىلا پارنىك ياسالغان بولسىمۇ، دېھقانلار تېخنىكا بىلمىگەچكە، پارنىك تېرىقچىلىقىنى قاملاشتۇرالماي تاشلىۋەتكەنىدى. 2016-يىلى ناھىيەدىن مەبلەغ چىقىرىپ، پارنىكلارنى قايتىدىن رېمونت قىلدۇردى ھەمدە گۇاڭدۇڭدىن مەخسۇس تېخنىك تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ بازاردا 179 پارنىك قايتىدىن تېرىلىشقا باشلىدى، دېھقانلار پارنىكلارغا شوخلا، پالەك، پېدىگەن، كەرەپشە، تەرخەمەك، گۈل تېرىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  بارىن بازىرى يەكەنكېچىكى كەنتىدىكى توختىگۈل مۇسانىڭ ئۈچ پارنىكى بار ئىدى، بۇرۇن پارنىكلىرىغا كۈن ياخشى چۈشمەي، تېمپېراتورىنى ياخشى تەڭشىيەلمەي، ھوسۇل ئالالمىغانىدى. ناھىيەدىن پارنىكلىرىنى رېمونت قىلدۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پارنىكلىرىغا كۈن ناھايىتى ياخشى چۈشۈپ، پالەكلىرىمۇ ناھايىتى ئوخشاپ، ئۈچ مو يەرگە تېرىغان پالەكتىن يىلدا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى. ھازىر بۇ بازاردا 44 پارنىكتا گۈل ئۆستۈرۈلىدۇ. بارىن بازىرى ئارا مەھەللە كەنتىدىكى مەھمۇد ھۈسەن پارنىكتا گۈل ئۆستۈرۈپ سېتىپ، بىر پارنىكتىن يىلدا 25 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ. ئۇنىڭ پارنىكىدا قەشقەر، يوپۇغا، مەكىت، مارالبېشى خوتەندىن كېلىپ گۈل سېتىۋالىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۇ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياستىنىڭ تۈرتكىسىدە، پارنىكنى كۆپەيتىپ، كۆپرەك گۈل ئۆستۈرۈپ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تېزراق بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  بارىن بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش ئارقىلىق يېرى يوق، ئىشى يوقلارغا ئىش تېپىپ بەردى. قىشلىق ئارسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، يازدا قۇرۇلۇشتا ئىشلەيدىغانلارغا دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئاساس قىلىپ تېخنىكا ئۆگىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئاساس سالدى. ياشلارنى قول ھۈنەرۋەنچىلىك، پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش، ھۆسن تۈزەش، سۇۋاركىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەپ، ئىشسىزلارنى يىراققا بارمايلا كىرىم قىلىش پۇرسىتى ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەش شارائىتىغا ئىگە قىلدى، ھۈنەرۋەنلەرنى كوپىراتىپ قۇرۇشقا يېتەكلىدى. بارىن بازىرى چوڭباغ كەنتىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان «بەشىنچى ئەۋلاد ئويمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى» تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ھۈنەر-كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا شارائىت ھازىرلىدى. بازارلىق ھۆكۈمەت قەشقەر شەھىرىدىكى بۆشۈك سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كوپىراتىپتا ياسىغان بۆشۈكلەرنىڭ سېتىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  پەيزاۋات ناھىيەسى چوڭ شەھەرلەردىكى كارخانىلارنى ناھىيەگە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشقا جەلپ قىلدى. بارىن بازىرىدا قۇرۇلغان «پەيزى» كىيىم-كېچەك زاۋۇتى، «تەنخۇش» كىيىم-كېچەك زاۋۇتى قاتارلىق زاۋۇتلار ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بارىن بازىرى دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپ تۈرلىرىنى پىلانلىدى. نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارغا ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى كەنت، ئاھالە، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى كەسىپلەر رايونى قۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپ بېيىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر