- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى 2- قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە كامبودىژادا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى
2018.01.08 14:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4-چېسلا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنىڭ 2- قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەمدە كامبودژادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كۇڭ شۇەنيو ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
كوڭ شۈەنيۇ مۇنداق دېدى: كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسېننىڭ تەكلىپىگە بىئانەت، زۇڭلى لى كېچياڭ 1- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە كامبودژا فىنوم پېندا لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى 2 - قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە كامبودىژادا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ، جۇڭگو بۇ يىلقى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، يەنە ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر