باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

2018.01.09 15:47   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-يانۋار دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.

  قىش پەسلىدىكى دىياۋيۈتەي شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن بولۇپ، گۈزەل، پاكىز، شۇنداقلا ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىت ئىدى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا چوڭقۇر سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە شانلىق تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەتلەر. زۇڭتۇڭ ماكرون جاناپلىرى يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا ئاسىيادىكى تۇنجى زىيارىتىدە جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بەرگەنلىكىنى نامايان قىلدى. فىرانسىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەربتىكى چوڭ دۆلەت. 1964-يىلى رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن گېنېرال دېگول ئاجايىپ سىياسىي يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى توغرىسىدا تارىخىي قارار چىقىرىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنىدى، بۇ شۇنداقلا ھەم بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋردە بىز داۋاملىق تارىخىي مەسئۇلىياتچانلىق روھى بىلەن توغرا يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىئەندە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسلىكى ھەپتىدە تۆت سائەتكە تەڭشەلدى
    ·شىنجاڭدا 2018-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى تەسىس قىلىنمايدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قى…
    ·10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا
    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى …
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى