باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بۇ ئۈچ خىل كىشىلەرنىڭ چاينى ئاز ئىچكىنى ياخشى

2018.01.09 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئاممىۋى ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى لى شياۋلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاي جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كۈتۈنۈش ئۇسۇلى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق، مەسىلەن ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رولى بار. چاي ئىچىش ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئادەمگە مۇۋاپىق كېلىۋەرمەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل كىشىلەر چاينى ئاز ئىچكىنى ياخشى.

  ئاشقازان يارىسى بىمارلىرى. ئاشقازان يارىسى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە سوزۇلما يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئەڭ ياخشىسى چاي ئىچمەسلىكى، بولۇپمۇ قېنىق چاي ياكى ئاچ قورساققا چاي ئىچمەسلىكى كېرەك. چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن ۋە تاننىك كىسلاتاسى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جاراھەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەگەر دائىم قېنىق چاي ئىچكەندە، يەنە كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. پۇئېر چېيى بىلەن قىزىل چايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل چاي تەركىبىدە كوففېئىن مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئادەتتە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە تېخىمۇ ماس كەلمەيدۇ.

  ئۇيقۇسى ئازلار ياكى نېرۋىسى ئاجىز كىشىلەر. كوففېئىننىڭ نېرۋىنى غىدىقلاش رولى بار. ئادەتتە ئۇيقۇسى ئاز ياكى نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار كىشىلەر كوففېئىنغا بىر قەدەر سەزگۈر بولغاچقا، كەچتە ئۇخلاشقا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن كېيىن قەھۋە ياكى چاي ئىچىشنى توختىتىشى كېرەك.

  يۈرەك سوقۇشى رېتىمسىز كىشىلەر. كوفېئىن ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تېزلىتىپ، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش، ھەتتا يۈرەك سىقىلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر خىل يوشۇرۇن تەھدىتتۇر. ئەگەر بەزى كىشىلەردە ئادەتتە يۈرەك رېتىمى تەرتىپسىزلىنىش ھادىسىسى بار بولسا، ياكى چاي ۋە قەھۋە قاتارلىقلارغا بەك سەزگۈر بولسا، ئاچ قورساق چاي ئىچكەندە باش قېيىش، يۈرەك سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر