خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- يانۋار، جۇڭگو خەتتاتلار ۋە رەسساملار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، جۇڭگو-شەرقىي ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد-سودا ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «بىر بەلباغ ، بىر يولدا ئورتاق گۈللىنىش» تېمىسىدىكى كۆرگەزمە، يەنى جۇڭگو ئارزۇسى، بولۇپمۇ مەدەنىيەت ئارزۇسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك سەييارە كۆرگەزمىسىنىڭ تۇنجى قېتىمقىسى بېيجىڭدە باشلاندى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەسسام ۋە خەتتاتلارنىڭ بىر مىڭ بىر يۈز پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلدى.
شىنجاڭلىق رەسسام نۇرمەمەت ئىبراھىمنىڭ بەش پارچە ئەسىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مىنىڭ ئەسەرلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ ھېسسىياتى بويىچە سىزىپ چىقىلغان، بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان بۇ ماي بوياق رەسىملىرىمدە تۇرپان تام رەسىملىرىدىكى قەدىمىي ئالاھىدىلىكلەر بار، مەن ئۇلارنى شۇلارغا ئاساسەن ئىجاد قىلغان ئىدىم، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە رەسىم بولسا، مەن مەكىت ناھىيەسىگە بارغاندا، نەق مەيداندا دولان مۇقامىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ ھاياجانلانغان ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، شۇ خەلق سەنئەتكارلىرىنى سىزىپ چىقتىم، كىشىلەر رەسىمنىڭ ئۆزىنى كۆرسە، خۇددى ئوتنىڭ يالقۇنىنى كۆرگەندەك بولىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ئىلگىرى پەقەت تور، گېزىت ۋە ژۇرناللاردىلا ئىسمىنى كۆرگىلى بولىدىغان مۇتەخەسسىسلەر كەپتۇ، نۇرغۇن سەنئەتكارلار ئۆزئارا كۆرۈشتۇق ۋە پىكىرلەشتۇق، مەن تېخى نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم، شۇڭا، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، دېدى.
نۇرمەمەت ئىبراھىم، 1981- يىلى قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 2005- يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان، گۈزەل سەنئەت بويىچە لايىھەلىگۈچى بولغان، 2005- يىلى «نۇرمەمەت ئىبراھىم گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلگەن، 2010- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىنىڭ گۈزەل سەنئەت فاكۇلتېتى كىنو گۈزەل سەنئەت لايىھەلەش-ئىجاد قىلىش كەسىپىدە تەربىيەلەنگەن. ھازىرغىچە كۆپ قېتىم شەخسىي ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى