خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاكادېمىك ۋاڭ زېشەن نەنجىڭ تەبئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئونىۋېرسىتېتى تاڭشەن پەن-تەتقىقات تەجرىبە مەركىزىنىڭ قارىغا ئېتىش مەيدانىدا (2017- يىلى 12-ئاينىڭ 27- كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
ئۇ 60 نەچچە يىلنى پەن تەتقىقات بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمىسا «ئىچى پۇشۇپ قالىدۇ»؛ جۇڭگونىڭ پارتلاتقۇچ دورا تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىرادە باغلىغان 80 نەچچە ياشلىق ۋاڭ زېشەن ھېلىھەم پەن تەتقىقاتىنىڭ 1- سېپىدە كۈرەش قىلماقتا، ئۇ بىر يىلنىڭ يېرىم يىلىدا كاماندوروپكىغا چىقىدۇ؛ سىرتقا دەم ئېلىشقا چىققاندا، رەپىقىسى بىلەن مۇنداق ئىككى ئىشقا ئەمەل قىلىدۇ: «سىز ئادەتتىكىدەك سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىسىز، مەنمۇ ئادەتتىكىدەك ياتاقتا خىزمەت قىلىمەن.».... ئۇ 8- يانۋار 2017- يىللىق دۆلەت ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نەنجىڭ تەبئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ زېشەن. پارتلاتقۇچ دورىنى كەشپ قىلغان نوبېلدىن بىر ئەسىر كىيىن تۇغۇلغان ۋاڭ زېشەنگە پارتلاتقۇچ دورا تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن «جۇڭگونىڭ نوبېلى»دەپ نام بېرىلدى. 60 نەچچە يىل ئىزچىل پارتلاتقۇچ دورا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ۋاڭ زېشەن «بىلىم ئارقىلىق بىلىمنى تەتقىق قىلدى»، ئۆزىگە خاس تەتقىقات يولىدا مېڭىپ، چەت ئەل سەۋىيەسىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئىجادىي نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى «تۆت كەشپىياتى»نىڭ بىرى بولغان مىلتىق دورىسىنى زامانىمىزدا قايتا شەرەپكە ئىگە قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى