باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەسكەر ئېلىش ئىشخانىسى بۇ يىللىق ئەسكەر ئېلىش تەييارلىقى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2018.01.10 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەسكەر ئېلىش ئىشخانىسى يېقىندا «2018-يىللىق ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، بۇ يىللىق ئەسكەر ئېلىش تەييارلىقى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى ھەم جايلاردىن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسكەر ئېلىشنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، قانۇن-نىزام قۇرۇلۇشى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىللىق ئەسكەر ئېلىش ۋەزىپىسىنى سۈپەتلىك ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى ھەم مەملىكەتلىك ئەسكەر ئېلىش تورى(تور ئادېرىسى http://www.gfbzb.gov.cn) نىڭ 10- يانۋار رەسمى ئېچىلىپ، توردا ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تىزىملاش، چاقىرىققا بىنائەن تىزىملاش ۋە سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئەسكەر ئېلىش ئىشخانىلىرى 1- ئاپرېلدىن باشلاپ مەركەزلىك ئىش بېجىرىدۇ. مەملىكەتلىك ئەسكەر ئېلىش تورى ئېچىلغاندىن كېيىن، جايلار ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تىزىملاش ئوقتۇرۇشىنى ۋاقتىدا تارقىتىپ، ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تىزىملاش ۋاقتى، ئوبيېكتى، ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. 30-ئىيۇندىن ئىلگىرى، ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تىزىملاش ۋەزىپىسىنى تاماملاش، ئالدىنقى يىللاردا تىزىملاتقانلارنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ، قانۇن بويىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تېگىشلىكلەر، ھەربىي خىزمەت ئۆتىشى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلار ۋە ھەربىي خىزمەت ئۆتىسە بولمايدىغانلارنى قانۇن بويىچە بېكىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئەسكەر ئېلىش ۋەزىپە سانىنىڭ ئۈچ ھەسسىدىن كەم بولماسلىق ئاساسىدا، ياخشىلىرىنى تاللاپ ئالدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغان مۆلچەر ئوبيېكتلارنى بېكىتىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: جايلار ئىستۇدېنتلارنى ئەسكەرلىككە ئېلىش خىزمىتىنى بالدۇرراق ئورۇنلاشتۇرۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش ۋە ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغان مۆلچەر ئوبيېكىتلارنى بېكىتىش خىزمىتىنى سىتۇدېنتلار مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر