- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ۋاڭ ياڭ ئامېرىكىلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى
2018.01.09 15:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە ئامېرىكا مەملىكەتلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادى گەۋدە، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ھەمكارلىق ئىككى تەرەپنىڭ بىردىن-بىر توغرا تاللىشى. ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكا مەملىكەتلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا چۈشەنچىسى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئۈچۈن پائال رول ئويناپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر