باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-كامبودژا كارخانىلىرىنىڭ سودىسىنى تۇتاشتۇرۇش يىغىنى فىنوم پېندا ئۆتكۈزۈلدى

2018.01.09 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى بىلەن كامبودژا سودا مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن فىنوم پېندا بىرلىشىپ «جۇڭگو-كامبودژا كارخانىلىرىنىڭ سودىسىنى تۇتاشتۇرۇش يىغىنى ۋە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى»نى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئالاقىسىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ غەلىبە قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  تۇتاشتۇرۇش يىغىنىدا، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرى جەمئىي 34 سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىمزالانغان توختامنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 530 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۆمىكى 6-يانۋاردىن 10-يانۋارغىچە كامبودژا ئىقتىساد-سودا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن. كامبودژا بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنىڭ ئەمەلىي تەدبىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر