باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2018-يىلى شىنجاڭدا شەھەر-بازار ئاھالىلىرىدىن 460 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ

ھەر قايسى تۈرلەردە 1 مىليون 100 مىڭ كىشى تەربىيەلىنىدۇ

2018.01.09 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى، شىنجاڭدا ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىدىن 460 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلىققا تىزىملاتقانلار نىسبىتى %4.5 ئىچىدە كونترول قىلىنىدۇ؛ يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سانى مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  8-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدىكەن، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنى كۆپەيتىش، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېڭىدىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلاندى، 2018-يىلى 40 مىڭ كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ مۇقىم تۇراقلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، ھەر بىر نامرات ئائىلىدىن بىر ئەمگەك كۈچىگە بىر ھۈنەر ئۆگىتىش، يېزىلاردىكى ئائىلىسىدە بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەردىن بىر ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2018-يىلى شىنجاڭدا يېڭىدىن ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىدۇ؛ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سىنىپلىرى كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىپ، ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش تەربىيەسى تۈزۈمى تۇرغۇزۇلىدۇ؛ يېڭىدىن مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى %88تىن يۇقىرى نىسبەتكە يەتكۈزۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلاردىن 40 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەرخىل كەسىپلەر بويىچە 1 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر