باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تېرىسا ماي: ئەنگلىيە كابىنېتى كەڭ كۆلەمدە ئالماشتۇرۇلدى

2018.01.09 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي تۈنۈگۈن كابىنېتنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ھەمدە يېڭى كابىنېت بىرىنچى ۋەزىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھازىر كادىرلارنى تەڭشەش تىزىملىكى كەينى كەينىدىن ئېلان قىلىندى. بروككېن ھىل تەن سالامەتلىكى تۈپەيلى شىمالىي ئىرېلاندىيە ئىشلىرى ۋەزىرلىكىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن براندون لۇيىس كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.

  ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي تۈنۈگۈن ئەنگلىيەنىڭ كۆچمەنلەر مىنىستىرى براندون لۇيىسنى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەن.

  بىراق كۈلكىلىك بولغىنى، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى تىۋېتتېرىدا كىرىس گرايلىننىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ يېڭى رەئىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز دېگەن خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، ناھايىتى تېزلا بۇ خەۋەرنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» بۇ توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ كابىنېتنى قايتا تەشكىللىشىنى «مالىمانچىلىق» دەپ سۈپەتلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر