- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2018-يىللىق «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» تېمىسىدىكى مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى لەنكاۋ ناھىيەسى ۋە جىڭگاڭشەن شەھىرىدە باشلاندى
2018.01.09 15:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئاخبارات–نەشرىيات–رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە قانات يايدۇرغان 2018-يىللىق «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» تېمىسىدىكى مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ئەترەتلىرىنىڭ ئويۇن قويۇش ۋە ھال سوراش پائالىيىتى 8-يانۋار خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لەنكاۋ ناھىيەسى ۋە جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭگاڭشەن شەھىرىدە باشلاندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى سۇنىد ئوڭ خوشۇنىدىكى ئۇلانمۇچىر ئەترىتى ئەزالىرىغا يازغان جاۋاب خېتىدىكى «ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، <قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت ئاتلىق ئەسكەرلىرى> بولۇڭلار» دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، 2018-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مەدەنىيەت-سەنئەت ئەترىتىدىن 120نى، مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك جايلار مەدەنىيەت-سەنئەت ئەترىتىدىن 800دىن ئارتۇقنى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامغا ئويۇن قويۇش ۋە ھال سوراش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتىپ، ئاممىغا مول مەزمۇنلۇق مەنىۋى مەدەنىيەت «ئوزۇقى» يەتكۈزدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر