باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن-نىزام، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆججەتلىرى ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان تارماقلارنىڭ قائىدە-بەلگىلىمىلىرىنى ۋاقىتلىق تەڭشەش توغرىسىدىكى قارار»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.01.10 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن-نىزام، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆججەتلىرى ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان تارماقلارنىڭ قائىدە-بەلگىلىمىلىرىنى ۋاقىتلىق تەڭشەش توغرىسىدىكى قارار»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، تارقاتقان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «قارار»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ئالاقىدار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەركىن سودا سىناق رايونىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاراخوتلارنى تىزىملاش نىزامى» قاتارلىق 11 مەمۇرىي قانۇن-نىزامى، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ شەھەر رېلىسلىق قاتناش ئۈسكۈنىلىرىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغىنىغا ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تەستىقلاپ تارقىتىش ئۇقتۇرۇشى»، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ شەھەر تېز سۈرئەتلىك رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دىن ئىبارەت گوۋۇيۈەننىڭ ئىككى ھۆججىتى ۋە «چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان كەسپلەر يېتەكچى مۇندەرىجىسى(2017-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن)»، «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە كەسپىگە مەبلەغ سېلىش بەلگىلىمىسى»دىن ئىبارەت گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان تارماقلارنىڭ ئىككى تۈرلۈك قائىدىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋاقىتلىق تەڭشىلىدۇ.

  «قارار»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك، تيەنجىن شەھەرلىك، فۇجيەن ئۆلكىلىك، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك، جېجياڭ ئۆلكىلىك، خېنەن ئۆلكىلىك، خۇبېي ئۆلكىلىك، چۇڭچىڭ شەھەرلىك، سىچۈەن ئۆلكىلىك، شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن-نىزام، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆججەتلىرى ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان تارماقلار قائىدىسىنى تەڭشەش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئۆلكىسى، ئۆز شەھىرى تۈزگەن قائىدە ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش تەلىپىگە مۇناسىپ باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر