خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، چارۋىچىلار تۆگە مىنىپ، سۇنىت يايلىقىدا ماڭماقتا.
شۇ كۈنى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى سۇنىت خوشۇنىنىڭ 12-نۆۋەتلىك تۆگە مەدەنىيەت بايرىمى سۇنىت ئوڭ خوشۇنىنىڭ سايخانتارا بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئوردۇس، خۇلۇنبىر، سۇنىت ۋە ئۇجۇمچىن يايلىقىدىن كەلگەن چارۋىچىلار 200 نەچچە تۆگىسىنى باشلاپ، قار بىلەن قاپلانغان يايلاقتا ئەڭ گۈزەل تۆگە تاللاش، تۆگە بەيگىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزدى. مەدەنىيەت بايرىمىدا يەنە ئات بەيگىسى، موڭغۇلچە چېلىشىش قاتارلىق موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى